UyghurMain Dictionary
ئاشكارا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان، يوشۇرۇن ئەمەس.
ئۆچكىنىڭ ئوچۇق تۇرسا ھېچ گەپ يوق. قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا، ھويت - ھويت. پەسكەشلىك بىلەن ياشىغاندىن ئوچۇق - يورۇق ئۆلگەن ياخشى. كېسىلىنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەممىگە مەلۇم، كۆرۈنۈپ - بىلىنىپ تۇرغان.
يوشۇرۇن، پىنھان، مەخپىي، خۇپىيانە، يەڭ ئىچىدە
باشقىلارغا مەلۇم ئەمەس، كۆرۈنۈپ - بىلىنىپ تۇرمايدىغان.
ئاغرىقنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارا. ئاشكارا ئىشقا پايلاقچى كەتمەيدۇ. ئۆشكىنىڭ ئوچۇق تۇرسا ھېچ گەپ يوق، قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا ھايت - ھۇيت. پەسكەشلىك بىلەن ياشىغاندىن ئوچۇق - يورۇق ئۆلگەن ياخشى. ئوچۇق - ئاشكارا بول. يوشۇرۇن قىلغان ياخشىلىق ئاشكارا يانار. مۇھەببەتنى پىنھان تۇت. مەخپىي ئىش ئاشكارا بولسا، زىيان چوڭ بولىدۇ. دوستۇڭدىن سىرىڭنى خۇپىيانە تۇتما. ئۇ ئىشنى يەڭ ئىچىدە پۈتتۈردۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. ھەممىگە مەلۇم، ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان، يوشۇرۇنمىغان، ئوچۇق.
ئاغرىقنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارا (ماقال).
رەۋ. يوشۇرماستىن، ئەينەن، ئوپئوچۇق.
ئۇنىڭ خاتالاشقانلىقى ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرمامدۇ؟