Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاشىدا خىتوشى
دۇنيا تارىخى
芦田均
lú tián jūn
(1887 - 1959) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1948). كيوتو ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۈگەتكەن. ياپونىيىنىڭ روسىيە، فرانسىيە، تۈركىيىلەردە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ كاتىپى ۋە مەسلىھەتچى ئەمەلدارى بولغان. 1931-يىل <18-سېنتەبر> ۋەقەسىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش سىياسىي مەسلەكداشلار ئۇيۇشمىسىغا قاتناشقان. 1932-يىلدىن باشلاپ ئۇدا 11 قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1933 - 1940-يىللىرى ياپونىيىدە چىقىدىغان ئىنگلىزچە ۋاقىت گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1945-يىل 10-ئايدا مىتېخارا كابىنېتىنىڭ سەھىيە ۋەزىرى بولغان، 11-ئايدا خاتوياما ئىچىرۆ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ياپونىيە لىبېرالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 4719-يىلى 3-ئايدا لىبېرالىستلار پارتىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، 5-ئايدا ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى بولغان. ماينىڭ ئاخرىدا كاتايما كابىنېتىنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەىز ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1948-يىلى 3-ئايدا كابىنېت تەشكىل قىلغان، 10-ئايدا ئاكىۋا ئېلېكتر سانائىتى پارا بېرىش ئەنزىسى تۈپەيلىدىن ئىستېپا بەرگەن، 11-ئايدا ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۇنىڭ <دۇناينىڭ يېقىندىن بۇيانقى دىپلوماتىيە تارىخى>، <ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دىپلوماتىيە تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.