UyghurMain Dictionary
ئارزۇلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېرىشمەكنى كۈتمەك.
ئارزۇلاپ تېرىغان چىلگىنىڭ باش بۇرنىنى ئىت يېدى. ئۆزگىگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. مېنىڭ ئىدى، سېنىڭ بولدى، تىلىۋېدىم، دورا بولدى. شەرىئەت كۆتۈرگەن يۈكنىڭ ئېغىرلىقى بولماس. ئۈمىد قىلساڭ، ئۇتىسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئارزۇ قىلماق، ئۈمىد قىلماق.
بۇنى بىز ئەمەس، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ئارزۇ قىلىشقان. ھەتتا بۆشۈكتىكى كىچىك بالىلارمۇ ئۇنى ئارزۇلايدۇ.
ياخشى كۆرمەك، ئامراق بولماق، ھەۋىسى كەلمەك.
يىگىتىنىڭ بېشىدا چىمەن دوپپا، ئۇچىسىدا ھازىرقى يىگىتلەر ئارزۇلاپ كىيىدىغان خۇرۇپ چاپان بار ئىدى.
ئاسرىماق، پەپىلىمەك، ئەركىلەتمەك.
زورىخان مايسەمنى ئارزۇلاپ، سۇنىڭ سۈزۈكىنى، ئاشنىڭ قويۇقىنى بېرىپ، قولدىن چۈشۈرمەي چوڭ قىلدى.