UyghurMain Dictionary
ئارىئۇسچىلار
دۇنيا تارىخى
دەسلەپكى خرىستىئان دىنىدىكى «بىدئەت» چىلەر. ئارىئۇس (تەخمىنەن مىلادى 250 - 336) شىمالىي ئافرىقىدىكى لىۋىيىلىك بولۇپ، ئانتىئوكىيىدىكى تېنولوگ لوكىئاندىن بىلىم ئالغان. لىۋىيە دىنىي رايوننىڭ ئېپىسكوپى بولغان. خرىستىئان دىنى ئەقىدىلىرىنى ئىزاھلىغاندا، قىددىس ئەيسا تەڭرى ئوغلى بولغانىكەن، ئۇ تەڭرى تەرىپىدىن يارىتىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەڭرىدىن تۆۋەن تۇرۇشى كېرەك، ئۇ ئىلاھلىق تەبىئىتىدىن باشقا يەنە ئىنسانلىق تەبىئىتىگىمۇ ئىگە بولىدۇ. دېگەنلەرنى تەشەببۇس قىلغان. مىلادى 325-يىلى كونستانتىن Ⅰ چاقىرغان نىسىيە يىغىنىدا ئارىئوسچىلار «ئەيسا بىلەن تەڭرى بىرگەۋدە» دېگەن ئەنئەنىۋى ئەقىدىنى قەتئىي قوبۇل قىلمىغان. شۇڭا «بىدئەتلەر» دەپ قارىلىپ ئەيىبلەنگەن ھەمدە سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ مەزھەپتىكىلەر يەنى دىنىي جەمئىيەتنىڭ كۆپلىگەن يەر ۋە بايلىق ئىگىلىشىگە قارشى تۇرغاچقا، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولغان. بۇلارنىڭ ئېتىقادى ۋە تەشەببۇسى رىم ئىمپېرىيىسى تېررىتورىيىسىدىلا تەسىرگە ئىگە بولۇپ قالماي، كەڭ «ۋارۋار» لار رايونىدىمۇ خېلى تەسىرگە ئىگە بولغان.