Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئارخىمېد
دۇنيا تارىخى
阿基米德
ā jī mǐ dé
(مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 287 - 212) قەدىمكى يۇناننىڭ ماتېماتىكا، فىزىكا، ئاسترونومىيە ئالىمى. فىدىياسنىڭ ئوغلى. سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى چوڭ شەھەر سىراكۇزدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا مىسىرنى ساياھەت قىلغان، ئالېكساندرىيىدە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىلىم ئالغان ھەمدە ئاسترونوم كونون، جۇغراپىئون ئېراتوتىسېن قاتارلىق كۆپلىگەن مەشھۇر ئالىملار بىلەن تونۇشقان. ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، سىراكۇز ئوردىسىدا تىران ھېيرو Ⅱ ئۈچۈن ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل قوراللارنى لايىھىلەپ بەرگەن ۋە ياساپ بەرگەن. ماتېماتىكا جەھەتتە چەكسىز پارچىلاش مەسىلىسى ۋە تۈز سىزىق بىلەن ئەگرى سىزىقنى سېلىشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، چەمبەر ئايلانمىسىنىڭ تەقرىبىي قىممىتىنى چىقارغان ھەمدە جىسىملارنىڭ سىرتقى يۈزى ۋە ھەجمىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى بېكىتكەن. ئاسترونومىيە جەھەتتە ئارىستارك (ساموس ئارىلىق) يەر تەۋرەش تەلىماتىنى قوبۇل قىلغان. بولۇپمۇ فىزىكا جەھەتتە تۆھپىسى زور بولۇپ، پىشاڭ قانۇنى ۋە «ئارخىمېدا قانۇنى» (سۇيۇقلۇققا پاتۇرۇلغان جىسىمىنىڭ ئېغىرلىقى، شۇ جىسىم سىقىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ بولىدۇ) نى كەشىپ قىلىپ، ئاقار جىسىملار تەلىماتىغا ئاساس سالغان. ئۇ ئىلمىي قائىدىلەرنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يەر سۇغىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە بۇرمىسىمان سۇ چىقىرىش ناسوسىنى كەشىپ قىلغان. چوڭ كېمىلەرنى ئوڭۇشلۇق سۇغا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە پولىسپاس (غالتەكلىك قۇرۇلما) قاتارلىقلارنى كەشپ قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندائۇ پەخىرلىنىپ تۇرۇپ: «ماڭا دەسسەپ تۇرىدىغان نۇقتا بىلەن تىرەش نۇقتىسى بېرىلىدىغان بولسىلا يەر شارىنى تەتۈر ئايلاندۇراتتىم» دېگەن. ئارخىمېد ۋەتەنپەرۋەر بولۇپ، ئىككىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشىدا رىم قوشۇنلىرى سىراكۇزغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئۇ 200 كىلوگرام كېلىدىغان چوڭ تاشنى ئاتقىلى بولىدىغان پالاخماننى لايىھىلەپ چىققان ۋە جەڭ كېمىلىرىنى سۇدىن كۆتۈرۈپ ئالالايدىغان تۇرنا تۇمشۇقلۇق بىر خىل كىران ياساپ چىققان دېگەن گەپلەرمۇ بار. رىملىقلار ئۇنىڭدىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەپ، سىراكۇز شەھىرىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭ كۆپ خىل ئەسەرلىرى ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئىنسانىيەت ئىلىم - پەن خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك مىراس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.