Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئارتېمىدا ئىبادەتخانىسى
دۇنيا تارىخى
阿耳忒弥斯 神庙
ā ěr tè mí sī shén miào
ئېفېس (كىچىك ئاسىيا) تىكى مەبۇدە ئارتېمىدا ئىبادەتخانىسىنى كۆرسىتىدۇ. قەدىمكى دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى. ئارتېمىدا يۇنانلىقلار نەزىر - چىراغ قىلىدىغان ئاي مەبۇدىسى، شۇنداقلا تاغ مەبۇدىسى ۋە ئوۋچىلىق مەبۇدىسى؛ رىملىقلار ئۇنى دىئانا دەپ ئاتايدۇ. ئارتېمىدا ئۈچۈن سېلىنغان ئىبادەتخانىلار ئىچىدە ئېفىستىكىسى ئەڭ داڭلىق. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىر ياكى Ⅵ ئەسىردە ياسالغان بولۇپ، ئورنى ئېفىس شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالى ئەتراپىدا، كۆلىمى چوڭ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 130 مېتىر، كەڭلىكى 70 مېتىر، تورۇسى 127 تاش تۈۋرۈك بىلەن كۆتۈرۈلگەن. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 18 مېتىر كېلىدۇ. مىلادىدىن 356 يىل ئىلگىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن (ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كۆيدۈرۈۋېتىلگەن كۈنى بىلەن <ئىمپېراتور> ئالېكساندر تۇغۇلغان كۈنى تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغاچقا، ئۇنىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنى كېچىگىچە قىلىپ بېكىتىلگەنمىش). كېيىن ئېئونىيە شەھەرلىرى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدىن قۇرۇشقا ياردەملەشكەن بولۇپ، تېخىمۇ ھەشىمەتلىك ياسالغان. ئېفىس پۇلىغا ئويۇلغان ئارتېمىدا ئىبادەتخانىسىنىڭ نەقىشىدىن ئۇنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئىبادەتخانا خارابىسى ⅨⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئارخېئولوگلار تەرىپىدىن قېزىلغان.