Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئارىتا خاچىرو
دۇنيا تارىخى
有田八郎
yǒu tián bā láng
(1884 - 1965) ياپونىيە تاشقى شئىلار ۋەزىرى. نىئاگاتا ناھىيىسىدىن، ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى مەسلەكداشلار جەمئىيىتى كادىر - ياماموتو تېجىرونىڭ ئىنىسى 1909-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، تاشقى ئىشلار ۋازارىتىگە خىزمەتكە كىرگەن. 1932-يىلى تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن ئەمەلدارى بولغان. 1936-يىلى 2-ئايدا، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن، 4-ئايدا خىروتا كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1938-يىلى 2-ئايدائاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، شۇ يىلى 10-ئايدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن كونوئې ۋە خىراتومانىڭ ئىككى نۆۋەتلىك كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1940-يىلى يەنە كومېئوچى كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىزچىل ھالدا جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغان. گېرمانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش مەسىلىسىدە ھەربىي تەرەپ بىلەن پىكرى بىردەك بولمىغان، لېكىن ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى تەرتىپكە سالماقچى بولغان.1953-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، ياپونىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ «باشقىلارنىڭ كۆزىدىكى چاڭ - توزانغا قارا» ۋە «ھاماقەت خاچىرو» دېگەن ئىككى پارچە ئەسلىمىسى بار.