UyghurMain Dictionary
ئارسلان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۈت ئەمگۈچى يىرتقۇچ ھايۋان. «ھايۋانلارنىڭ شاھى» دېگەن نامى بار.
ئارسلان قاتتىق ۋارقىرايدۇ، يۇمشاق تۇتىدۇ. ئارسلاندەك كۈچۈڭ بولسۇن، تايغاندەك ھوشۇڭ. ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، خەقنى شىر چاغلا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىل 12 ئاينىڭ يەتتىنچىسىنىڭ نامى.
ئىيۇل لاتىنچە Julius دىن كەلگەن. بۇ قەدىمكى رىمنىڭ ھۆكۈمرانى كايزانىڭ ئىسمى بولۇپ، رىملىقلار بۇ ئاينى شۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىغان.
7 - ئاي چوڭ ئاي؛ 31 - كۈنلۈك.
1 - ئىيۇل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى دۇنياغا كەلگەن خاتىرە كۈنى (1921 - يىل).
1 - ئىيۇل كانادانىڭ دۆلەت بايرىمى.
7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى فرانسىيىنىڭ دۆلەت بايرىمى.
7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى - 11 - ئىيۇل دۇنيا يەر تەۋرەش كۈنى.
1969 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئامستىروڭ بىلەن ئولدېرىن ئاي شارىغا تۇنجى قېتىم قەدەم قويغان.
7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بېلگىيىنىڭ دۆلەت بايرىمى. 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى پولشىنىڭ دۆلەت بايرىمى.
7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى مىسىرنىڭ دۆلەت بايرىمى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئارسلان، شىر.
خانلارغا ئىسىم بولۇپمۇ كېلىدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن : ئالىن ئارسلان تۇتار كۈچىن سىچغان تۇتماس _ ھىيلە بىلەن ئارسلان تۇتۇلار، كۈچ بىلەن چاشقانمۇ تۇتۇلماس. بۇ ماقال ئىشلاردا زوراۋانلىق يولىنى تۇتماستىن، ياخشى چارە - تەدبىر كۆرۈشى لازىم بولغان كىشىلەرگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 563
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئارسلان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مۈشۈكسىمانلار ئائىلىسىگە كىرىدىغان، سۈت ئەمگۈچى يىرتقۇچ ھايۋان.
ئارسلان بالىسى ئارسلان بولىدۇ (ماقال).
كۆچمە. باتۇر، قەيسەر، زەبەردەست، قورقماس، قاپ يۈرەك.
تۇغۇلدۇم، <ئارسلان بول> دەپ ئانام سۆيگەن پېشانەمگە، سېلىپ زەڭ ھەر سۆزۈم، قەلبىم، مىجەز - خۇلقۇم، ئىپادەمگە.
ئەرلەر ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
يولۋاس بالىسى؛ شىر بالىسى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
كۈچلۈكلۈكى ۋە ۋەھشىيلىكى بىلەن تونۇلغان كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
كۈچلۈكلۈكى ۋە ۋەھشىيلىكى بىلەن تونۇلغان ئەركەك شىرنىڭ نامى. جەسۇر، باھادىر ئادەم. باشقا شەكىللىرى: ئارسلانبەگ، ئارسلانباي.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
شىر، يولۋاس؛ كۈچلۈك، قۇدرەتلىك، يۈرەكلىك.
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە ژۇرنالىست ئارسلان 1946 - يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىك چېغىدىلا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئانا يۇرتى ئاتۇشقا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئاتۇشتا ئۇقۇپ تاماملىغان، 1962 - يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ خەنزۇ تىلى تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇپ 1964 - يىلى سىياسىي فاكۇلتېتقا ئوقۇشقا كىرگەن. ئارسلان 1968 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <خوتەن گېزىتى> ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - مائارىپ باشقارمىسىدا ئىشلىگەن، 1976 - يىل 6 - ئايدىن تارتىپ <تارىم> ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن، 1996 - يىل 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ۋاپات بولغان.
ئارسلاننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 60 - يىللاردا شېئىر بىلەن باشلانغان، ئۇ ھازىرغىچە نۇرغۇن لىرىك شېئىرلارنى ھەم <يۇلتۇزلار يۇرتى>، <ئاھ، مېنىڭ خەلقىم> قاتارلىق داستانلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ئارسلان يەنە <ھەيكەل>، <ئۇپۇقتىكى سۈرەتلەر> گە ئوخشاش پوۋېستلارنى؛ <سىپايە ئايال>، <ئاق كۆڭۈل خۇشامەتچى> قاتارلىق ھېكايىلارنى يېزىپ، بۇ ساھەدىمۇ مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.ئۇ يەنە <كۈلپەتلىك مۇھەببەت>، <قىساس خەنجىرى> قاتارلىق دراما، كىنو سىنارىيىلىرىنى يازغان؛ باشقا تىللاردىن نۇرغۇن شېئىر، ھېكايە - داستانلارنى، جۈملىدىن <يايلاق بۈركۈتى>، <3 - ئىمپېرىيىنىڭ ھالاكىتى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان.
ئارسلاننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ياشلىق يۇلتۇزلىرى> (1984 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <ئۆلمەس تۇيغۇلار> (1988 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى، <يۇلتۇزلار يۇرتى> (1984 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق داستامى، <سېھىرلىك ھەيكەل> (1993 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېسىت - ھېكايىلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىر مۇنچە شېئىرلىرى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرشىكەن.
ئارسلان ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئىدى.