Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئارشىما تاكېئو
دۇنيا تارىخى
有岛武郎
yǒu dǎo wǔ láng
(1878 - 1923) ياپونىيە يازغۇچىسى. ساپپورو يېزا ئىگىلىك كەسپىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، ئامېرىكىدا ئوقۇغان، كېيىن ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ساياھەتتە بولغان. 1908-يىلى ساپپورو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1910-يىلى «ئاق قېيىن» ژۇرنىلىنى نەشر قىلىشقا قاتناشقان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۆپلىگەن ھېكايە، سەھنە ئەسىرى ۋە ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە «كايىننىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادلىرى» دېگەن پوۋېستى ۋە «بىر ئايال» دېگەن رومانى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئالدىنقىسىدا نامرات دېھقانلارنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن؛ كېيىنكىسىدە بىر ئايالنىڭ تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق، كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ جىنايىتى ئېچىپ بېرىلگەن. كېيىن ئىدىيىدە ئازابلىنىپ، ئايال مۇخبىر خاتانو ئاكىكو بىلەن بىللە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. كېيىن ئون توملۇق «ئارشىما تاكېئو ئەسەرلىرى» نەشر قىلىنغان.