Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاررىئان
دۇنيا تارىخى
阿利安
ā lì ān
(لاتىنچە ئىسمى FlaviusArrianus، تەخمىنەن مىلادى 95 - 175) قەدىمكى يۇنانلىق تارىخشۇناس، پەيلاسوپ ۋە گېنېرال. ئاخىرقى مەزگىلدىكى ستوئىكچى پەيلاسوپ ئېپىكتېتىنىڭ شاگىرتى. كىچىك ئاسىيادىكى نىكومىدىيە (ھازىرقى تۈركىيىدىكى ئىزمىر) دە تۇغۇلغان، 126-يىلى رىم پۇقرالىقى ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. تەخمىنەن 131 - 137-يىللىرى كاپپا دوكىيە (كىچىك ئاسىيادا) نىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئالانىلارنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرگەن. پادىشاھ ھادرىئاننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن، قوشۇن باشلاپ جەڭگە چىققان. 138-يىلىدىن كېيىن مەخسۇس ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. 146-يىلى ئافىنا كونسۇللۇقىغا تەيىنلەنگەن. «ئالېكساندرنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشى» (يەتتەتوم)، «ھىندىستان خاتىرىسى»، «قارا دېڭىز يۈرۈش خاتىرىسى» ۋە ئېپىكتېتىنىڭ پەلسەپىسى، ئېتىكا ماقالىلەر توپلىمىنى تەھرىرلىگەن ۋە ئۇنىڭ باھالاپ ئىزاھلىغان ئەسەرلىرى بار.
دىنى سۆزلۈكلەر
阿利安
ā lì ān
تارىخ
阿利安
ā lì ān