Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئارقىمۇ ئارقا ئىندۇكسىيە
پسىخولوگىيە
继时诱导
jì shí yòu dǎo
نېرۋا جەريانلىرى ئارىسىدىكى ئىندۇكسىيىنىڭ بىر خىل شەكلى. چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ مەلۇم نۇقتا ياكى مەلۇم رايونىدىكى مەلۇم بىر خىل نېرۋا جەريانى (قوزغىلىش ياكى تورمۇزلىنىش) توختىغاندىن كېيىن مۇشۇ نۇقتا ياكى مۇشۇ رايوندا ئەكسىچە نېرۋا جەريانى (تورمۇزلىنىش ياكى قوزغىلىش) يۈز بەرسە، بۇ خىل ھادىسە ئارقىمۇ ئارقا ئىندۇكسىيە دەپ ئاتىلىدۇ.