Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئارقا كۆرۈنۈشلۈك بوياش
بىئولوگىيە
背景染色法
bèijǐngrǎnsèfǎ
<مەنپىي بوياش ئۇسۇلى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باكتېرىيىنىڭ كاپسۇلىسى ۋە بۇرمىسىمان تەنچىسىنىڭ مورفولوگىيىسنى كۆزىتىشتە ئىشلىتىدىغان بىر خىل بۇياش ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇلدا قارا بوياق (مەسىلەن، قارا سىياھ، قارا پىگمېنت ياكى ئافىلىن قارىسى قاتارلىقلار) بىلەن باكتېرىيىسى ئارىلاشتۇرغانىدىن كېيىن، ئەينەك يۈزىگە بىر قەۋەت سۈركەپ، قۇرۇغاندىن كېيىن مىكروسكوپتا تەكشۈرۈلىدۇ. كاپسۇلا ۋە باكتېرىيە تېنى بويالمايدۇ، ئارقا كۆرۈنۈشى تۇم قارا بولۇپ چىقىدۇ.