UyghurMain Dictionary
ئارنولد
دۇنيا تارىخى
(1) توماس ئارنولد (7951 - 1842) ئەنگلىيە پېداگوگى. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1827 - 1842-يىللىرى مەشھۇر رائاببى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ مەكتەپ مائارىپىدا نۇرغۇن ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن، تەنتەربىيە پائالىيىتىنى تەشەببۇس قىلغان، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش تۈزۈمى - بېل - ئاندرېۋ تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بۇ ئىسلاھاتلار كېيىن ئەنگلىيىنىڭ پۈتۈن مائارىپ سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن 1841-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان. «تانىست»، «پونىي ئۇرۇشىدىن ئاۋۋالقى رىم تارىخى»، «كېيىنكى دەۋردىكى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) ماتتېۋ ئارنولد (1822 - 1888). ئەنگلىيە شائىرى، ئەدەبىي ئوبزورچى، مائارىپچى. توماس ئارنولدنىڭ ئوغلى. 1857 - 1867-يىللىرى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شېئىرىيەت پروفېسسورى بولغان. ئۇ، ئەنگلىيىنىڭ مەدەنبىيەت - مائارىپى ۋە ئەخلاق كۆز قارىشىنىڭ بوشىشىپ كەتكەنلىكىدىن ھەسرەتلىنىپ، مائارىپنى كۈچەيتىشنى، دىننى تەشەببۇس قىلىشنى قۇۋۋەتلىگەن، مۇھىم داستانلىرىدىن «سىگان ئالىمى»، «تايىئىرىسىس»، «سورراپ بىلەن روستون» قاتارلىقلار بار، ئەدەبىي ۋە سىياسىي ماقالىلىرىدىن «تەنقىدىي ماقالىلەر توپلىمى» (ئىككى توم)، «كېلت مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات»، «مەدەنىيەت ۋە ھۆكۈمەتسىز ھالىتى» قاتارلىقلار بار.