UyghurMain Dictionary
ئارام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تىنىچ، سۇكۇنات؛ قارار.
راھەت، ئىستىراھەت، ھۇزۇر.
ئولتۇرۇپ قېلىش، بىر جايدا ئىستىقامەت قىلىپ تۇرۇپ قېلىش.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
راھەتلىك، تىنچلىق؛ يۇرت، بۆلمە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھارغىنلىقتىن كېيىن، ئىش - ھەرىكەتنى توختىتىپ، ھاردۇقنى چىقارماق. «ئالماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
دەم ئېلىشنى بىلمىگەن خىزمەت قىلىشنى بىلمەيدۇ. ئارام ئېلىش تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈندۇر. ھاردۇق ئالماق كۈچ يىغماقتۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ھاردۇق، دەم.
ئارام ئالماق. ئارام بەرمەك.
پالتا چۈشكۈچە كۆتەك ئارام ئاپتۇ (ماقال).
خاتىرجەملىك، راھەت، ھۇزۇر.
لېكىن ئانا يالغۇز قىزىنىڭ ئالىقانلىرىدىن جېنىغا ئارام سېزىدۇ.
كۆچمە. ئايىلىش، ساقلىنىش.
مېۋە - چېۋە ئاشلىققا ئارام بېرىدۇ.