UyghurMain Dictionary
ئاقتۇردى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاقتۇردى.
ئول سۇۋ ئاقتۇردى _ ئۇ سۇ ئاقتۇردى ( ئاقتۇرۇر _ ئاقتۇرماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئاقتۇرۇر كۆزۈم يولاق
تۈشلەنۈر ئۆردەك يۇغاق
{كۆزۈمدىن (ياش) بۇلاق (بولۇپ) ئاقىدۇ،
ئۇنىڭغا ئۆردەك - يۇغاق (لار) چۈشىدۇ.}
كۆز يېشىم بۇلاقتەك ئېقىۋاتىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدا ئۆردەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۇ قۇشلىرى توپلىنىپ ئۈزۈپ يۈرىدۇ.
1 - 297