Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاقسۇم
Domain: دۇنيا تارىخى阿克苏姆
ā kè sū mǔ
ئېفىئوپىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە ھازىرقى ئېفىئوپىيىنىڭ تىگرس ئۆلكىسىدە باش كۆتۈرگەن. شىمالىي قىسىمدىكى شەھەر دۆلەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئېفىئوپىيە ئېگىزلىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا كېڭەيتگەن. يۇنان، رىم، مىسىر، ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋەھىندىستان بىلەن سودا - سېتىق قىلىشقان. مىلادى Ⅳ ئەسىردە ئومۇميۈزلۈك گۈللەنگەن. پادىشاھ ئېزانا تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، يەمەننى قوشۇۋالغان، مېروۋېنى يوقاتقان. خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، خرىستىئان دىنىنىڭ بىر ماھىيەتچىلىك مەزھىپىنى دۆلەت دىنى قىلغان. ئەرەب ئىمپېرىيىسى قىزىل دېڭىزنى كونترول قىلىپ، مىسىرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ تەدرىجىي ئاجىزلاشقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا Ⅹ ئەسىردە ئايال پادىشاھ ئەسەد تەرىپىدىن يوقىتىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.