UyghurMain Dictionary
ئاق كەندىر
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
جۇڭگو ئاق كەندىرنىڭ ماكانى. ئارخېئولوگىيىلىك ئىسپاتلاشلاردىن قارىغاندا، ئېلىمىز خەلقى5000 نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرىلا ئاق كەندىردىن رەخت توقۇپ كىيىملەرنى تىكىپ كىيگەن. ئۇنىڭ تالالىرى پۇختا بولىدىغانلىقى، يالتىراقلىقى زىغىر تالالىرىنىڭ يالتىراقلىقىدىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقى ھەم سۇ ۋە نەملىكنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغانلىقى، يەنە كېلىپ تالالىرىنى بىر ‐ بىرلەپ ئايرىپ يىپەكتەك ئىنچىكىلەشكە بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىگە كەلگەندە بىر سەكرەپلا ئەينى چاغدىكى ئەڭ مۇھىم تالا مەنبەسى ئۆسۈملۈكىگە ئايلانغان.
ئېلىمىزنىڭ ئاق كەندىرى ئەڭ ئاۋۋال چاۋشيەن ۋە ياپونىيىگە تارقالغان،18 - ئەسىردىن كېيىن ئاندىن ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تارقالغان. شۇڭا، خەلقئارادا »جۇڭگو ئوتى (جۇڭگو كەندىرى)« دەپ ئاتايدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئاق كەندىر مەھسۇلاتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئاق كەندىر چاققاقئوت ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ياكى چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى1 −2 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇ كۆپىنچە يول ياقىلىرىدا، ئۆيلەرنىڭ ئارقىلىرىدا، تاغ جىلغىلىرىدا ئۆسىدۇ ياكى ئادەملەر تېرىپ ئۆستۈرىدۇ. غولى كۆپ شاخلىنىدىغان بولۇپ، قويۇق ھەم يىرىك تۈكچىلىرى بولىدۇ. ياز پەسلىدە كىچىك يېشىل رەڭلىك گۈل ئاچىدۇ، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى بىر تۈپتە بولۇپ، كونۇسسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كۈز پەسلىدە كىچىك تىپلىق ئورۇق مېۋە تۇتىدۇ.
ئاق كەندىرنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، تالالىرىدىن نەپىس، كۆركەم «كاناپ رەخت (گىرىپ)» لەرنى توقۇشقا بولىدۇ. ئۇنى كىيىم تىكىپ كىيسە ئادەمنى سالقىنلىتىپ تەرلەتمەيدۇ. دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە ئۇنىڭدىن ئايروپىلان ياپقۇچ، پاراشۇت، چېدىر، برېزېنت پلاش قاتارلىقلار تىكىلىدۇ. ئاق كەندىر يوپۇرمىقىنى يەنە يەم - خەشەك قىلىشقا بولىدۇ.
يىلتىزى ۋە ئۇۋاقلىرى (كۇكۇنلىرى) قەغەز ياساشنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ.
ئاق كەندىرنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئەنئەنىۋى جۇڭيى دورىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يەللەرنى ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش، قان توختىتىش، ھامىلىنى قوغداش رولى بار.
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
ئاق كەندىر دۇنيادا »جۇڭگو گىياھسى« دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ قەدىمىي، تالالىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، توقۇمىچىلىققا ئىشلىتىلىدۇ، ئىنچىكە سىپتا ماتا، كەندىر رەخت، پاشىلىق رەخت توقۇغىلى بولىدۇ؛ پاختا، يىپەك، يۇڭ ھەمدە خىمىيىلىك تالالار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئالىي كىيىم رەختى ئىشلەشكىمۇ بولىدۇ؛ برېزېنت، سۇ ئۆتمەس رەخت، بالون ئەستىرى، پاراشۇت قاتارلىق دۆلەت مۇداپىئەسى سانائەت بۇيۇملىرىنى توقۇپ چىقىشقا بولىدۇ.
ئاق كەندىردىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كەندىر توقۇلما بۇيۇملىرى قاتلاشماسلىق، پۈرلەشمەسلىك، سالقىن بولۇش ۋە ھاۋا ئۆتكۈزۈشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىكلەر پاختا توقۇلما بۇيۇملىرى ۋە خىمىيىلىك توقۇلما بۇيۇملاردا يوق بولغاچقا، خەلقئارا بازاردىكى بازىرى ئىتتىك تاۋار ھېسابلىنىدۇ.
ئېلىمىزدە ئاق كەندىر ئاساسلىقى چاڭجياڭ ۋادىسى ھەمدە جەنۇبىي جۇڭگودىكى ئۆلكىلەردە ئۆستۈرۈلىدۇ، بۇ جايلارنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل، تۇپرىقى مۇنبەت بولغاچقا، ئاق كەندىرنىڭ مەھسۇلاتى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى. ئاق كەندىر كۆپ يىللىق زىرائەت، تەبىئىي شارائىتتا، ئۇنىڭ يەر ئۈستى قىسمى كۈز ۋە قىش پەسلىدە تەبىئىي قۇرۇپ ئۆلىدۇ، يىلتىزى يەر ئاستىدا قىشتىن ئۆتىدۇ، ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا يەنە بىخلىنىپ يېڭى بىخ چىقىرىدۇ.
ئاق كەندىرنى سۈنئىي ئۆستۈرگەندە، توغرا پەرۋىش قىلىش شارائىتىدا بىر يىلدا ئۈچ قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. ئاق كەندىر يىلتىزلىتىش ئۇسۇلى، شاخلىتىش ئۇسۇلى، شاخ باستۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلار ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ، يىلتىزلىتىش ئۇسۇلى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدا ئاق كەندىرنىڭ ئاينىغان يىلتىزى بىرنەچچە بۆلەك قىلىپ كېسىلىپ، تۇپراققا كۆمۈلسە، بىر تۈپ ئاق كەندىر بىرقانچە تۈپكە ئايلىنىدۇ.