Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاقارتىش ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
启蒙运动
qǐ měng yùn dòng
ⅩⅧ ئەسىردىكى ياۋروپا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە، مەدەنىيەت ھەرىكىتى. فېئودالىزمدىن كاپىتالىزمغا قاراپ ئۆتۈۋاتقان ئۆتكۈنچى دەۋرىدە، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيە مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى مۇتەپەككۇرلار فېئوداللىق ئىدېئولوگىيىنى ئومۇميۈزلۈك تەنقىد قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ئەنئەنىۋى بىر تەرەپلىمە قاراش، ئىلاھىيەت (تېنولوگىيە) ئەقىدىلىرى، خرىسىتىئان چېركاۋى ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ بويونتۇرۇقىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىش كويىدا بولغان. ⅩⅧ ئەسىردىكى تەبىئىي پەن ۋە پەلسەپىنىڭ ئۇتۇقلىرى ئاساسىدا، ئاقارتقۇچى ئالىملار: خۇددى نيۇتوننىڭ ئۇنىۋېرسال تارتىش كۈچى قانۇنىنى كەشپ قىلغىنىغا ئوخشاش، كىشىلەرمۇ ئىداراكىي كۈچىگە تايىنىپ، تەبىئەت، ئىنسانىيەت ۋە جەمئىيەتنىڭ قانۇنىيىتىنى كەشپ قىلىپ، بەخت - سائادىتىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؛ ئۇلار ئىداراك، دىنىي سەۋر - تاقەت ۋە ئىلغار قاراش ئارقىلىق ھازىرقى ئەھۋالنى ساقلاپ قالغۇچى كونا قاراشقا ھۇجۇم قىلىپ، ئىدىيىنى كىشەنلەپ قويىدىغان ۋە ئەركىنلىكنى باسىدىغان بارلىق دىنىي ئەقىدە ۋە تۈزۈمگە قارشى تۇرغان؛ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار مۇتەپەككۇرلار دىنىي جەھەتتە ئاتېئىزمنى (خۇداسىزلىق)، پەلسەپە جەھەتتە ماتېرىيالىزمنى، سىياسىي جەھەتتە دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمنى، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆز ئەركىگە قويۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئاقارتىش ئىدىيىسى دىن، پەلسەپە، ئېتىكا، ئىقتىسادشۇناسلىق، پولتىكا، تارىخشۇناسلىق، ئېستېتىكا قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەرگە بېرىپ چېتىلغان، ھەر خىل تەلىمات سىستېمىلار ۋە نۇرغۇنلىغان مەشھۇر ۋەكىللىك خاراكتېردىكى شەخسلەر مەيدانغا كەلگەن، مەسىلەن، ئەنگلىيىلىك ئادىسون (1672 - 1719)، ستېل (1672 - 1729)، سۋىفت، پوپى (1688 - 1744)، گېرمانىيىلىك مېندېلسون (1729 - 1786)، لېنېگ ھېلىت، ئىتالىيىلىك بىككارىيا، ۋىكو، ئامېرىكىلىق پىئىن، جېففېرسون، فرانكلن، روسىيىلىك بېلىنسكىي، گېرتسېن، چېرنشېۋىسكىي قاتارلىق كىشىلەردىن ئىبارەت. بىراق، ھەرىكەتنىڭ مەركىزى فرانسىيىدە بولۇپ، ۋولتېر، مونتېسكيۇ، رۇسسو ھەمدە دىدېرو ۋەكىللىكىدىكى قامۇسچىلار ەەۋدىلىك رول ئوينىغا. ھەرىكەتنىڭ تەسىرى چوڭقۇر بولۇپ، ئەينى زاماندىكى كىشىلەر <ئاقارتىش دەۋرى> دېگەن ئۇقۇمنى قوللىنىشقا باشلاپ <زۇلمەتلىك ئوتتۇرا ئەسىرچىلىك> بىلەن قارىمۇ قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. فرانسۇزچە Siecle besLumieres، نېمىسچە ZeitDerAufklaruhg ئىنگلىزچە Age of Enlightenment لارنىڭ ئەسلى مەنىسى ئومۇمەن <يورۇقلۇق ئارقىلىق قاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇش> دېگەننى بىلدۈرگەن. كەڭ مەنىدىن ئالغاندا ئاقارتىش ھەرىكىتى يالغۇز ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئومۇمىي تارىخى ھادىسە بولۇپ قالغانىدى.
مائارىپ,ئىستېتىكا,ئۇنىۋېرسال,تەنتەربىيە
启蒙运动
qǐ měng yùn dòng