Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاپتوماتلاشقان شەرتلىك رېفلېكسلار سىستېمىسى
پسىخولوگىيە
机械化的条件反射系统
jī xiè huà de tiáo jiàn fǎn shè xì tǒng
بۇ دىنامىك ستېرېئوتىپ (قېلىپلاشقان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ مۇئەييەن غىدىقلىغۇچىلارنىڭ قېلىپلاشقان سىستېمىسى بولۇپ، نىسبىي ھالدا مۇقىملىققا ئىگە قېلىپلاشقان رېئاكسىيە سىستېمىسى، يەنى شەرتلىك رېفلېكسلار سىستېمىسىدۇر. مانا بۇ چوڭ مېڭە پوستلىقى فۇنكسىيىسىنىڭ سىستېمىلىقلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىپادىسى. ئاپتوماتلاشقان شەرتلىك رېفلېكسلار سىستېمىسىنىڭ (دىنامىك ستېرېئوتىپنىڭ) ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ شەكىللەنگەندىن كېيىن ئورگانىزىمغا مۇناسىۋەتلىك غىدىقلىغۇچ تەسىر قىلغان ھامان، قېلىپلاشقان رېئاكسىيە سىستېمىسى ئاپتوماتىك ھالدا بارلىققا كېلىدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، تۈرلۈك ئادەتلىرى ئاپتوماتلاشقان شەرتلىك رېفلېكسلار سىستېمىسىنىڭ ئىپادىلىرىدۇر. ئاپتوماتلاشقان شەرتلىك رېفلېكسلار سىستېمىسى بىر قەدەر مۇقىملىققا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئۇ مەلۇم شارائىت ئاستىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، يېڭى شارائىت ئاستىدا ئۆزگىرىپ راۋاجلىنىشىمۇ مۇمكىن.