Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاپرىلوۋ
Domain: دۇنيا تارىخى阿普里洛夫
ā pǔ lǐ luò fū
(1789 - 1847) بولغارىيىلىك پېداگوگ. گابروۋودىكى سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا موسكۋادا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغاندا گرېك تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان. كېيىن ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1810-يىلى ئودېسسادا سودىگەرچىلىك قىلغاندا، كاتتا سودىگەر سالاھىيىتى بىلەن گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللىغان. مەملىكەت ئىچىدىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزىنى بۇلغار مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. 1835-يىلى گابروۋودا بۇلغارىيىدىكى تۇنجى دەھرىي مەكتەپنى ئاچقان. «ھازىرقى بۇلغارىيىدە شەكىللىنىۋاتقان تاڭ نۇرى»، «ھازىرقى بۇلغارىيىدىكى تەلىمات ئۈستىدە مۇلاھىزە» قاتارلىق مائارىپ، ئەدەبىيات ۋە تىل مەسىلىسىگە ئائىت ئەسەرلىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.