Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاپپىيە
دۇنيا تارىخى
阿皮亚
ā pí yà
(1862 - 1928) شۋېتسارىيە سەھنە دىكوراتورى. جەنۋەدە تۇغۇلغان. دەسلەپتە مۇزىكا ئۆگەنگەن، كېيىن گېرمانىيە، ئاۋسترىيىدە تىياتىر ئۆگەنگەن. ۋاگنىر ناخشا - ئۇسسۇللۇق درامىسىنىڭ سەھنە دىكوراتسىيە لايىھىسىنى تىرىشىپ تەتقىق قىلغان. شۋېتسارىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇزۇن ۋاقىت پائالىيەت ئېلىپ بارغان. سەھنە دىكوراتورىنىڭ ئوبراز يارىتىش رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ، سەھنە چىراغ نۇرىنىڭ بەدىئىيلىكىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى تەكىتلىگەن؛ سەھنە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، چىراغ نۇرى، مۇزىكا، دىكوراتسىيە بىلەن ئارتىستلار ھەرىكىتىنىڭ ماس كېلىشىنى تەشەببۇس قىلغان؛ تەقلىد قىلىنغان تەكشىلىكتىكى كۆرۈنۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ستېرېئولۇق كۆرۈنۈشنى دەسسىتىشنى تەلەپ قىلغان. «ۋاگنىر مۇزىكىلىق درامىسىنىڭ كۆرسىتىلىشى»، «مۇزىكا ۋە سەھنە»، «ھاياتىي كۈچكە ئىگە بەدىئىي ئەسەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.