Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئانژۇ تاقىم ئاراللىرى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر安菇群岛
ān gū qún dǎo
سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى شىمالىي مۇز ئوكيان ياقىسىغا جايلاشقان يېڭى سىبىر تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تاقىم ئاراللار گۇرۇپپىسى. ئۇ شەرقتە سىبىرىيە دېڭىزى، غەربتە لابىتۋىخ دېڭىز سۇلىرى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي سانىنكوۋ بوغۇزى ئارقىلىق لياخون ئاراللىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئانژۇ تاقىم ئاراللىرى كاتىل، فاددىۋىسكى، يېشىل بوتكى، يېڭى سىبىرىيە، بىلكوۋىسكى ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 31 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى بەك شالاڭ بولۇپ، ئوۋچىلىق ھەم بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.