UyghurMain Dictionary
ئانتونيو فېرتېنلى مۇكاپاتى
Domain: دۇنيادىكى مۇكاپاتلارئىتالىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئانتونيو فېرتېنلىنىڭ ۋەسىيىتى بويـىـچـە تەسىس قىلغان بىر قاتار خەلقئارالىق مۇكاپات ۋە دۆلەت مۇكاپاتى بـولـۇپ، خەلقئارا مۇكاپاتنى ئىتالىيىلىكلـەرگـە بـېـرىـشـكىـمـۇ، ھەرقـانـداق دۆلـەت كىشىلىرىگە بېرىشكىمۇ بولىدۇ.1950 - يىلى تۇنجى قېتىم تـارقـىـتـىـلـغان، شۇنىڭدىن كېيىن يىلدا بىر قېتىم تارقىتـىـلغان، مـۇكـاپـات سـومـمـىـسـى ئوخشاش ئەمەس.
بۇ مۇكاپات تۆۋەندىكى ساھەلەردە مەلـۇم نـەتـىـجە قـازانـغـۇچـىلارغـا بېرىلىدۇ: ئېتىكا ئىلمى ۋە تارىخ ئىلمى؛ فىزىكا ئىلمى، ماتېماتىكا ۋە تەبىئىـي پەن؛ ئەدەبىيات؛ سەنئەت؛ مېدىتسىنا. بەزىـدە نـاھايىـتـى يـۇقـىـرى ئەخلاق سەۋىيىسىگە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قىممىتىگە ئىـگـە پـەۋقـۇلئاددە ئۇتۇقلارغىمۇ بېرىلىدۇ. بۇ مۇكاپاتنى ئىلتىماس قىلىشنىـڭ ھاجـىـتـى يـوق، نامزاتلارنى ئىتالىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەۋسىيە قىلىدۇ (ئەمما ئۆزىـنـى ئۆزى تەۋسىيە قىلىشقا بولمايدۇ)، ئىتالىيىدىكى باشقا ئىلمىي تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسـلـىـرى كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ، خەلقئارا مۇكاپاتنى چەت ئەللەردىكـى مـۇھىـم پـەنـلـەر ئاكادېمىيىلىرىنىڭ رەئىسلىرى تەۋسىيە قىلىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.