Chinese→UyghurMain Dictionary
演替
بىئولوگىيە
ئالمىشىش
بەلگىلىك قانۇنىيەت بويىچە بىر تۈركۈمنىڭ ئورنىنى باشقا بىر تۈركۈم ئالىدىغان ئۆزگىرىش جەريانى. مەسىلەن، كۆلدىكى تۈركۈم بىر قاتار ئالمىشىشنى بېسىپ ئۆتۈپ قۇرۇقلۇقتىكى تۈركۈمگە ئۆزگىرىدۇ. كۆپ شەكىللىنىشكە باشلىغاندا ئاستى قۇم، سۈيى سۈزۈك، قىرغاقلىرىدا ئۆسۈملۈك ئاز بولىدۇ. يامغۇر سۈيىنىڭ كۆل ئەتراپىدىكى تۇپراق ۋە ئورگانىك ماددىلارنى ئېقىتىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، لەيلىگۈچى جانلىقلار، سۇ ئاستى جانلىقلىرى تەدرىجىي كۆپىيىدۇ. قىرغاقتىكى ئۆسۈملۈكلەرمۇ كۆلنىڭ ئىچىگە بۆسۈپ كىرىدۇ. سۇغا چۆكۈپ تۇرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ۋە سۇ ئۈستىدە يېيىلىپ تۇرىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن سۇ مۇھىتى بۇزۇلۇپ، بېلىق تۈرىدىكى جانلىقلار ئازىيىدۇ، قوش ماكانلىقلار ۋە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانلار (مەسىلەن، پاقا، قۇلۇلە ۋە پاشا قاتارلىقلار) كۆپىيىدۇ. كۆلگە پاتقاق ۋە چىرىندىلەرنىڭ يىغىلىشى بىلەن قۇرۇقلۇق ھاسىل بولۇپ، نەم جاي ئۆسۈملۈكلىرى تۈركۈمى ئۆسىدۇ، سازاڭ، چېكەتكە، غاجىلىغۇچىلار ۋە يەرگە ئۇۋا سالىدىغان قۇشلار توپلىشىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا چاتقال ۋە دەرەخلەر كۆپىيدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆل تۈركۈمى ئورمان تۈركۈمىگە ئالمىشىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ پۈتكۈل ھايۋانلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك توپىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. تۈركۈملەرنىڭ ئالمىشىش تەرتىپىدە، ئەڭ بۇرۇن پەيدا بولغىنى ئەجداد تۈركۈم ئۆتكۈنچى تۈركۈملەرنى بېسىپ ئۆتۈپ ئەڭ ئاخىرىدا ھاسىل بولىدىغىنى چوققا تۈركۈم (climax community) دەپ ئاتىلىدۇ. چوققا تۈركۈم بىلەن مۇھىت ئامىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئادەتتە تەڭپۇڭ ھالەت ساقلىنىدۇ. مەسىلەن، ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدىكى چوققا تۈركۈم يامغۇرلۇق رايون ئورمىنى بىلەن مۆتىدىل بەلباغ، قۇرغاق رايونلاردىكى چوققا تۈركۈم ئوتلاق قاتارلىقلار.
ئورمانچىلىق
yǎn tì
ئورۇن ئالمىشىشDئۆسۈملۈك
yǎn tì
ئالمىشىشDتاشيول قۇرۇلۇشى
yǎn tì
ئالمىشىش ، ئورنىنى ئېلىش ، نۆۋەتلىشىشDئۇنىۋېرسال
yǎn tì
ئالماشماق، ئورنىنى ئالماق، نۆۋەتلەشمەك