Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئانتىگون
دۇنيا تارىخى
安提柯一世
ān tí kē yí shì
تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 382 - 301( يەنى <يەكچەشمە> ئانتىگون. ئالېكساندر )بۈيۈك ئىمپېراتور( نىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردىسى. مىلادىدىن 323-يىل ئىلگىرى، ئالېكساندر ئۆلگەندىن كېيىن، كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىدىكى فرىگىيە، پامغىلىيە ۋە لىكىيە قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىۋېلىپ، پادىشاھلىق تەختىنى تالىشىش كۈرىشىگە پائال قاتناشقان. مىلادىدىن 306 يىل ئىلگىرى، ئېئۇمېنېسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرگەن؛ بابىلون رايونىنىڭ ھۆكۈمرانى سېلېۋك ئۇنىڭدىن قورقۇپ مىسىرغا قاچقان. ئۇنىڭ تەسىر كۈچى كۈنسېرى كۈچەيگەن. مىلادىدىن 306 يىل ئىلگىرى، پىتولېمېي فلوتىنى مەغلۇپ قىلپ، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ ئوغلى دېمېتىرى جەنۇبىي گرېتسىيىنىڭ كورنىتوس قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلىرىنى بېسىۋېلىپ، فىلىپ Ⅱ دەۋرىدە تەشكىل قىلىنغان بۇرۇنقى <كورىنتوس ئىتتىپاقى> نى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كاساندېرنىڭ بالقاندىكى ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت سالغان. ئۇنىڭ قارا نىيىتى سېلېۋك، پىتولېمېي، كاساندېر ۋە لېسماكىسنىڭ بىرلىشپ قارشى چىقىشىغا سەۋەب بولغان. مىلادىدىن 31 يىل ئىلگىرى، ئىپىس جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ ئۆلگەن؛ بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان دېمىتېرىي گرېتسىيگە قاچقان، ئوغلى ئانتىگون گونات ماكېدونىيىدە ئانتىگون خاندانلىقىنى قۇرغان.