Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئانتاركتىكا
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر南极洲
nán jí zhōu
يەر شارىىڭ جەنۇبىي قىسمى بولۇپ، ئانتاركتىدا، ھىندى ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان، تىنچ ئوكيانلارنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە ئەتراپىدىكى ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ سۇدىكى چېگرىسى جەنۇبىي كەڭلىك 48° بىلەن 60° كەڭلىكلەردىن باشلىنىدۇ. ئانتاركتىكانىڭ مۇشۇ دائىرىدىكى مەيدانى 60 مىليون كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ. ئۇ، ئىنسانلارغا ئەڭ كېيىن مەلۇم بولغان قىتئە، شۇڭا ئۇنى 7 - قىتئە دەپمۇ ئاتايدۇ. ئەمدى بىز ئانتاركتىكا، ئانتاركتىدا دېگەن ناملارنىڭ قانداق ئېيتىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى. ئانتاركتىدا دېگىنىمىز — يەر شارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۆز ئىچىگە ئاراللارنى ئالمايدۇ. شۇڭا بۇنى خەنزۇچە ماتېرىياللاردا <نەنجى> يەنى <جەنۇبىي قۇتۇپ> دەپ ئاتايدۇ. ئانتاركتىكا دېگىنىمىز — جەنۇبىي قۇتۇبنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق قىسمىدىن باشقا يەنە ئەتراپىدىكى جەنۇبىي گېئورگىيە، جەنۇبىي ساندىۋىچ، جەنۇبىي ئوركېنى ۋە جەنۇبىي شېتىلاند قاتارلىق ئاراللارنى ھەم ئايىسبىرىگلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئانتاركتىكانىڭ قۇرۇقلۇق مەيدانى تەخمىنەن 14 مىليون 50 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ مەيدانى 12 مىليون 394 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، قۇرۇقلۇق ئەتراپىدىكى قىرغاق مۇزلۇقلىرىنىڭ مەيدانى 76 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا بېللىنىسكا ئوزىن، ئاموندسېن، رۇس، ۋىدىدىلل قاتارلىق ئورن نەچچە دېڭىز بار. دېڭىز قىرغاق لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 24 مىڭ كىلومېتر كېلىدۇ. ئۇ جەنۇبىي ئامېرىكىدىن 970 كىلومېتر كەڭلىكتىكى دېرىك بوغۇزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ
Domain: ئۇنىۋېرسال(ئى)
nán jí zhōu
南极洲
Domain: تەبىئىي جۇغراپىيە南极地带
nán jí dì dài
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.