Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئانىلىق يادروسى يېتىلىش
Domain: بىئولوگىيە雌核发育
cíhéfāyù
ئەسلى مەنىسى ئاتىلىقسىز كۆپىيىشنىڭ بىر خىل ئۆزگەرگەن شەكلىدىن ئىبارەت. يەنى، سپېرما تۇخۇمغا كىرگەندىن كېيىن، سپېرما يادروسى تۇخۇم يادروسى بىلەن قوشۇلماي رودىمېنتلىشىپ كېتىدۇ. تۇخۇم يادروسى غىدىقلىنىپ بۆلۈنگەندىن كېيىن يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر يىراق تۈرنىڭ گۈل چېڭى بىلەن چاڭلانغاندا مۇشۇ خىل ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ. بۇ سۆزنىڭ يەنە بىر مەنىسى: چاڭلانمىغان ئۇرۇقدان ياكى تۆرەلمە تۈگۈنىنى ئۆستۈرگەندە تۆرەلمە خالتا ھۈجەيرىسى ئۇرۇقلىنىشتىن ئۆتمەيلا يېتىلىپ تۆرەلمە ۋە ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئايلىنىدىغان ھادىسە. بۇنىڭ ئىرسىيەت ئۈنۈمى ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاش بولغاچقا، بۇمۇ ئانىلىق يادرو يېتىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە پەيدا بولۇش جەريانى پۈتۈنلەي ئوخشاش.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.