Chinese→UyghurMain Dictionary
扬库
دۇنيا تارىخى
ئىئانكۇ
رۇمىنىيىلىك ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچى. 1848 - 1849 - يىللىرىدىكى ترانسىلۋانىيە دېھقانلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئادۋوكات بولغان. 1848 - يىلى 3 - ئايدا تىرگۇ - مۇرېستىكى رومىنىيە - ماگار قۇرۇلتىيىدا يانچىلارنى ھەقسىز ئازاد قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1848 - يىلى 5 - ئايدا بلاج خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھارپىسىدا، تۇنجى قېتىملىق ئىنقىلابنى قوزغاشقا قاتناشقان. 1849 - يىلى نىكولاي بالچېسكۇ باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابىي دېموكراتلارنى قوللاپ، ۋېنگرىيە بىلەن بىرلىشىشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن چارروسىيەنىڭ قوراللىق ئارىلىشىشى ئارقىسىدا، ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن تەركىدۇنيا بولۇپ كەتكەن.