Chinese→UyghurMain Dictionary
杨格
دىن
yáng gé
基
خىرىستيان دىنى
يۇنگ، برىگام يۇنگ
دۇنيا تارىخى
يۇنگ
(1874 - 1962) ئامېرىكىلىق ئادۋوكات ۋە كارخانىچى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نيۇ - يورك سان - لاۋرېنسى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتلىرىنى تۈگەتكەن. ئادۋوكاتلىق قىلغان، كېيىن سانائەت مەسىلىسى بىلەن جامائەت ئىشلىرىغا كىرىشىپ، زۇڭتۇڭ تەرىپىدىن چاقىرىلغان سانائەت - ئىقتىسادىي مەسىلىسى يىغىنلىرىغا كۆپ قېتىم قاتناشقان. 1924 - يىلى ياۋروپاغا كېلىپ، <داۋېس پىلانى> نى تۈزۈپ چىقىشقا ياردەملەشكەن ھەمدە تۆلەم ئىشلىرى ۋاقىتلىق كومىسسىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1929 - يىلى <يۇنگ پىلانى>نى ئوتتۇرىغا قويغان. 1925 - 1928 - يىللىرى خەلقئارا سودا جەمئىيىتى ئامېرىكا گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئىلگىرى - كېيىن تۆت ئالىي مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ياكى باشقارما باشلىقى بولغان، گېنېرال ئېلېكتر شىركىتى ۋە ئامېرىكا رادىئو شىركىتىنىڭ باشقارما باشلىقى، قوشما شتات ئېھتىيات بانكىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. 1922 - 1930 - يىللىرى ئارىلىقىدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 15 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەخرىي دوكتورى بولغان.