UyghurMain Dictionary
ئانگا
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ھىندىستاندىكى دۆلەت نامى. گانگ دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. پايتەختى كامپا (ھازىرقى بىخار شتاتىدىكى باگالپۇر ئەتراپىدا)، بۇددا دىنى ئەۋج ئالغان ۋاقىتلاردىكى سەككىز چوك شەھەرنىڭ بىرى. ئۇزاققىچە ئۆزىنىڭ غەربتىكى قوشنىسى بولغان ماگادا دۆلىتى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ كەلگەن، ئاخىرى ماگادا پادىشاھى بىمبىسارا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا) تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان.