Chinese→UyghurMain Dictionary
烟草
سودا
yān cǎo
كۆك تاماكاDيېزا ئىگىلىك
yān cǎo
تاماكاDئۇنىۋېرسال
yān cǎo
تاماكا
Dدېھقانچىلىق
yān cǎo
تاماكاDئورمانچىلىق
yān cǎo
تاماكاDئۆسۈملۈك
yān cǎo
كۆك تاماكا، تاماكا
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
تاماكا
بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، تاماكىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
يوپۇرمىقى چوڭ، تۆمۈنە شەكلىدە كېلىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى غولىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈل تاجى ۋارونكا شەكلىدە بولىدۇ، كانايچە قىسمى ئاچ
قىزىل ياكى ئاق رەڭدە، يېرىقچىلىرى قىزىل رەڭدە بولىدۇ؛ غوزىلىق مېۋە تۇتىدۇ، مېۋىسى تۇخۇم شەكلىدە كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا يوپۇرمىقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا
ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
چۈشكۈرتۈش، ئاغرىق توختىتىش، بەدەننى قۇرۇتۇش، نېرۋىنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
تاماكىنىڭ يوپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، گۈل يېغى بىلەن مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، قان ۋە جاراھەت سۇلىرىنى توختىتىدۇ.
تاماكىنى كونا چىلىم سۈيى بىلەن مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، ئىستىسقا، يىلان چېقىۋېلىش، كۆپ سىيىش، كۆپ تەرلەش قاتارلىق
كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاماكىنىڭ چىلىمنىڭ سەيخانىدا قالغان قارا كىرىنى پىلتە قىلىپ خانازىر (بويۇن لىمفا تۇبېركۇليوزى) غا 45 كۈن ئۈزۈلدۈرمە چېپىپ
بەرسە، سوزۇلما خانازىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاماكىنىڭ كۈلىنى كۆزگە تارتىپ بەرسە، نامازشام قارىغۇسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاماكا يوپۇرمىقىغا كۆكنار يوپۇرمىقىنى قوشۇپ چېكىپ بەرسە، بەلغەمدىن بولغان يۆتەل، سوزۇلما يۆتەل، زىققە ۋە كۆز قاراڭغۇلىشىش قاتارلىق
كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىئولوگىيە
تاماكا
پېدىگەن ئائىلىسىگە كىرىدۇ، بىر يىللىق ياكى 2 - 3 يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولىنىڭ تۈۋى ياغاچلىشىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ ھەممىلا يېرىدە يېپىشقاق مەزىلىك تۈكچىلەر بولىدۇ. يوپۇمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق ئالىقىنى چوڭ، شەكلى سورتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ، تۈۋى تەدرىجىي تارلىشىدۇ ھەمدە غولنى يېرىم ئۇرايدۇ، بىر ئاز قۇلاقسىمان بولىدۇ. كونۇسسىمان گۈل رېتى چوققىدا ئۆسىدۇ، گۈل كاسىسى كومزەكسىمان بولىدۇ؛ گۈلتاجىسى ئۇزۇن نەيچىلىك ۋارونكا شەكىللىك بولۇپ، گۈل كاسىسىدىن 2 - 3 ھەسسە ئۇزۇن، ئاچ قىزىل ياكى ئاق رەڭلىك بولىدۇ. غوزەك مېۋىسى تۇخۇمسىمان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ساقلىنىپ قالغان گۈل كاسىسى بىلەن تەڭ بولىدۇ، پىشقاندا ئامېرىكا قىتئەسى بولۇپ، ھازىر دۇنيادىكى مۆتىدىل ۋە ئىسسىق بەلباغ رايونلاردا كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ جۇڭگونىڭ شىمالى، شەرقىي شىمالى ۋە غەربىي جەنۇبىدىكى ھەر قايسى رايونلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ. ھاۋاسى مۆتىدىل جايلارغا ئۆسىدۇ، قورغاقچىلىققا چىداملىق بولىدۇ، سۇ چىقىرىشى ياخشى، ئورگانىك تەركىبى مۇۋاپىق بولغان تۇپراققا ماس كېلىدۇ. يوپۇرمىقى بىلەن غولىنى مۇۋاپىق ئارىلاشتۇرۇپ پاپىروس، سىگارت ۋە موخوركا ياسىلىدۇ، بىراق ئۇنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىن ئادەم تېنىگە زىيان يەتكۈزىدۇ؛ يوپۇرمىقىنىڭ ئىشلىتىلىش جەريانى ۋە تەڭشەش ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئوتقا قاقلانغان تاماكا، ئاپتاپتا قۇرۇتقان تاماكا، سايىدە قۇرۇتقان تاماكا ۋە پۇراقلىق تاماكا قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ؛ غول ۋە يوپۇرمىقىدىن نىكوتىن، ئالما كىسلاتاسى، لىمونات كىسلاتاسى ئايرىۋېلىنىدۇ؛ يېزا ئىگىلىكىدە پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپى ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى ماتېرىيال قىلىنىدۇ.