Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاناۋراختا
Domain: دۇنيا تارىخى阿奴律陀
ā nú lǜ tuó
(1002 - 1077) بىرما پاگان سۇلالىسىنىڭ ئاساسچىسى. تەختتە ئولتۇرغان چاغدا (1044 - 1077)، 1057-يىلى جەنۇبتىكى تاتون دۆلىتىنى يوقاتقان، كېيىن يەنە ئاراكان پادىشاھلىقىنىڭ شىمالىنى بويسۇندۇرۇپ، دەنزۇ قەبىلىلىرىن ئىتائەت قىلدۇرۇپ، بىر مىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىرمىدا تۇنجى بىرلىككە كەلگەن فېئودال سۇلالىنى قۇرغان. دېھقانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سۇغىرىش قۇرۇلۇشلىرىنى ياساتقان. ھىنايانا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بولۇپ، ئىبادەتخانا ۋە بۇددا مۇنارلىرىنى كۆپلەپ ياساتقان. 1059-يىلى مەشھۇر قۇتلۇق خان مۇنارىنى ياساتقان. ئۇنىڭ دەۋرىدە بىرما مىللىتىنىڭ ئۆز يېزىقى بىرما يېزىقى بارلىققا كەلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.