UyghurMain Dictionary
ئاناكىسىمېن
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 585 - 528) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. كىچىك ئاسىيادىكى ئىئونىيىنىڭ مىلېتوس شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئاناكىسماندرنىڭ شاگىرتى. ئۇ ئالەمنىڭ ئاساسىي ئامىلى گاز ياكى ھاۋا. گاز شالاڭلىشىش ۋە قويۇقلىشىش ئۆزگىرىشى ئارقىلىق كائىناتنى ھاسىل قىلىدۇ. گاز شالاڭلاشقاندا ئوتقا ئايلىنىدۇ، گاز قويۇقلاشقاندا تەرتىپ بويىچە شامال، بۇلۇت، سۇ، تۇپراق ۋە تاشقا ئايلىنىدۇ؛ بۇ ئامىللار يەنە باشقا كائىناتنى ھاسىل قىلىدۇ، دەپ قارىغان. روھنىمۇ بىر خىل گاز دەپ ھېسابلىغان. بۇنداق ساددا ماتېرىيالىستىك ئىدىيە شۇ چاغدا كەڭ تارقالغان دىنىي ئىلاھىيەتكە قىلىنغان ئىنكار ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن بەزى پارچىلارلا ساقلىنىپ قالغان.