Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئامېرىكا - فىلىپپىن ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
美菲战争
měi fēi zhàn zhēng
ئامېرىكا فىلىپپىنغا تاجاۋۇز قىلغان مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇش. 1898-يىلى فىلىپپىننىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مۇستەقىللىك ئۇرۇشى ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا فىلىپپىننىڭ مۇستەقىللىكىنى قوللاش نامى ئاستىدا، شۇ يىلى 8-ئايدا مانىلارنى ئىشغال قىلغان. ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىسپانىيە فلىپپىننى ئامېرىكىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. 1899-يىلى 1-ئايدا، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، ئامېرىكا فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلماسلىق مەيدانىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن، سۆھبەت قاتمال ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغان. شۇ يىلى 2-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى ھۇجۇم قوزغاپ، كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. فىلىپپىن ھەربىي ۋە خەلقى باتۇرانە جەڭ قىلىپ، 3 يىل ئىچىدە ئامېرىكا قوشۇنىنىڭ ئون مىڭدىن ئوشۇق ئادىمىنى يوقاتقان. 1901-يىلى 3-ئايدا، ئاگۇينالدۇ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا تەسلىم بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلغان، فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتى ئوجۇقتۇرۇۋېتىلگەن. ئايرىم جايلاردىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشى تاكى 1913-يىلىغا قەدەر داۋاملاشقان.