UyghurMain Dictionary
ئامراق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
«ئامراغ» غا قاراڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياخشى كۆرىدىغان، مېھىر قويغان،ئىشتىياق باغلىغان.
ئۇيقۇغا ئامراق ئاز خاتالىشار، ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق. بىرى تاتلىققا ئامراق، بىرى ئاچچىققا خۇشتار. ئەخمەق ئۆزىنى كۆرسىتىشكە خۇشتار. مۇشتاق بولساڭ، مۇشتۇمدىن ساقلان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بەك ياخشى كۆرىدىغان، قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان.
ئۆچ
بەك يامان كۆرىدىغان، دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان.
پاقا قوداي گۆشىگە ئامراقمىش. ئىت ئۇرغۇچىسىغا ئامراق. قېرى كالا شاپاققا ئامراق، قېرى ئادەم ئاپئاققا. قايماققا ئامراق كالىغا ئۆچ. بىرى تاتلىققا خۇشتار، بىرى ئاچچىققا مۇشتاق. ئەخمەق ئۆزىنى كۆرسىتىشكە خۇشتار. ئۆچ بولماڭ مۇپتىلا بولارسىز، ئامراق بولماڭ، جۇدا بولارسىز. ئۆچ كۆرسەڭ ئۆچەكىشىدۇ، تار يەردە تىرەجىشىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئامراق.
ئامراق كۆڭۈل _ ئوتلۇق يۈرەك، ساپ كۆڭۈل.
1 - 136
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
مېھىر - مۇھەببىتى بار، مېھىردىن كېچەلمەيدىغان، مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان، ئىشتىياق باغلىغان، ياخشى كۆرگەن، يېقىن، ئېجىل.
مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق بەزگە ئامراق (ماقال).
ھەۋەس قىلغان،م قىزىقىدىغان؛ خۇشتار.
ياشلار ئويۇنغا ئامراق، قېرىلار ئۇيقۇغا ئامراق (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئوتلۇق يۈرەك، ساپ كۆڭۈل؛ ئامراق، ياخشى كۆرىدىغان، ئەزىز
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئامراق، ياخشى كۆرىدىغان، ئەزىز؛ ساپ كۆڭۈل، ئوت يۈرەك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئامراق، ياخشى كۆرىدىغان، ئەزىز؛ ساپ كۆڭۈل، ئوت يۈرەك.