Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئامىرانت ئاراللىرى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر阿米兰特群岛
ā mǐ lán tè qún dǎo
ھىندى ئوكياننىڭ غەربىگە، ماداگاسگار ئارىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ئۇ 150 دىن ئوشۇق مارجان ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 83 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ ئاراللار ئېكۋاتور سىزىقىنىڭ سەل جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقانلىقتىن ئىقلىمى يىل بويى ئىسسىق بولىدۇ. بۇ ئاراللاردا ئولتۇراقلاشقان خەلقلەر كوكۇس پالمىسى ئۆستۈرۈش، بېلىقچىلىق، تاشپاقا تۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئامىرانت ئاراللىرى 1502 - يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر تەرىپىدىن تېپىلغان، بۇ ئاراللارنىڭ نامى — ياۋروپادىن ھىندىستانغا بېرىش يولىنى ئىزدەش ئۈچۈن پورتۇگالىيە تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئېكسپىدىتسىيە باشلىقلىرىدىن بولغان ۋاسكوداگامانىڭ شەرىپىگە <ئادىمىرال ئاراللىرى> دەپ نام بېرىلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.