Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئامميانۇس. مارسېلىنۇس
دۇنيا تارىخى
安米阿斯.马西利纳斯
ān mǐ ā sī .mǎ xī lì nà sī
(تەخمىنەن 330 - 401) قەدىمكى رىم تارىخشۇناسى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، يۇنانلىقلارنىڭ ئەۋلادى. دەسلەپ رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاتلىق قىسمىدا ئەسكەر بولۇپ، گاللىيە قاتارلىق جايلارنى مۇداپىئە قىلغان، پېرسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. ھەربىي سەپتىن چكىنىپ، سۈرىيە، مىسىر قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ چىققان. كېيىن رىمغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، مەخسۇس تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ لاتىنچە يازغان 13 توملۇق <رىم تارىخى> دېگەن ئەسىرى بار. بۇ ئەسەردە تاتىسېتنىڭ تارىخىي ئەسىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاساسەن مىلادى 96-يىلى دومېتئان ئۆلگەندىن تارتىپ 378-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، رىم ئىمپېرىيىسى زاۋالغا يۈز تۇتقان دەۋردىكى ئىجتىمائىي ئەھۋاللارنى ئەس ئەتتۈرگەن. ئەسەردىكى تارىخىي ۋەقەلەر تەپسىلىي ۋە ھەقىقىي ئىشەنچىلىك بولۇپ، مول تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە. ھازىر بۇنىڭ 18 تومى ( 14 - 31 توملار) ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىقتىدارىمۇ ياخشى بولۇپ، كېيىنكىلەر تەرىپىدىن تەرىپلىنىپ كەلگەن.