UyghurMain Dictionary
ئامبار قورۇسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىنىڭ نارا مەزگىلىدىكى شەرقىي قەسىر ئىبادەتخانىسىنىڭ ئاساسلىق ئامبىرى. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 2.37 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 9 مېتىر، ئېگىزلىكى 14 مېتىر كېلىدۇ. چوڭ بۇتخانىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئۈچ ئامبارغا گۇاڭمىنىڭ شەرقىي قەسىر بۇتخانىغا ھەدىيە قىلغان تېننو شومۇنىڭ نەرسە - كېرەكلىرى ساقلانغان؛ ئوتتۇرا ئامباردا مىلادى 752-يىلى (تيەنپىڭ شىڭباۋنىڭ 3-يىلى) بۇت كۆچۈرۈش مۇراسىمىدا سوۋغا قىلىنغان بۇيۇملار ۋە قورال، ھۆججەتلەر ساقلانغان؛ جەنۇبىي ئامباردا ئاساسەن شەرقىي قەسىر ئىبادەتخانىنىڭ دىنىي مۇراسىم سايمانلىرى (يۈز نىقابى، كىيىم - كىچەك ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ساقلانغان. بۇ ئامباردا ياپونىيىنىڭ ئۆزىدىن چىققان مەھسۇلاتلارىدىن باشقا، جۇڭگونىڭ تاڭ دەۋرىدىكى بىر مۇنچە بۇيۇملار، ھەتتا يەنە غەربىي ئاسىيا، گرېتسىيە، رىملارنىڭ بۇيۇملىرىمۇ ساقلانغان، بۇ قەدىمىي بۇيۇملار پەرمان بويىچە پېچەتلىنىپ ساقلانغاچقا ياپونىيىلىك قەدىمكى تارىخى شۇنداقلا ياپونىيىنىڭ چەت ئەللەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق ھېسابلىنىدۇ. 1962-يىلىدىن ئېتىبارەن، ئامباردىكى مەدەنىي يادىكارلىقلار يېڭىدىن ياسالغان شى باۋكۇ ئامبىرىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، ھەر يىلى دۆلەتلىك نارا مۇزېيى ئىچىدە قەرەللىك كۆرگەزمە قىلىنماقتا.