Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئامازونلار
Domain: دۇنيا تارىخى亚马孙人
yà mǎ sūn rén
قەدىمكى يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى ئايال لەشكلەرلەر. ئوۋچىلىق ۋە ھەربىي يۈرۈشكە ماھىرلىقى بىلەن نام چىقارغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، يۇناننىڭ شەرقىي شىمال چېگرىسى ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى تېمىسكىرا بىلەن شىمالىي قىرغىقىدىكى تانائىسنى بازار قىلغان. ئايال پادىشاھ ھۆكۈمران بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدە ئەرلەرنىڭ تۇرۇپ قېلىشى مەنئى قىلىنغان؛ ئەۋلادىنى دادۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، دائىم ئەتراپىدىكى كاپكاز تاشلىق رايونىدىكى ئەرلەر بىلەن ۋاقىتلىق جورا بولۇشقان؛ تۇغۇلغان قىز بالىنى ئۆزلىرى باققان، بۇلار چوڭ بولغاندا لەشكەر بولغان. باتۇر، ئات مىنىش ۋە ئوقيا ئېتىشقا ماھىر بولۇپ، دائىم ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، غەربىي ئاسىيا ۋە ئېگېي دېڭىزى بويىدكى بەزى شەھەر - يېزىلارنى تارتىۋالغان ھەمدە كۆپ قېتىم يۇنانلىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئامازون ئايال جەڭچىلىرىنىڭ ئوبرازى قەدىمكى يۇنان ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ۋەقەلىكى قىلىنغان، پارتېنون چېركاۋىدىكى ئافىنانىڭ ھەيكىلى (پېدىياس ئىشلىگەن) نى ئالىدىغان بولساق، ئايال تەڭرى ئافىنا سول قولىدا تۇتۇپ تۇرغان قالقانغا يۇنانلىقلار بىلەن ئامازونلار جەڭ قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش نەقىش قىلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.