Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئامانياكچىلار
Domain: دۇنيا تارىخى阿曼雅克党
ā màn yǎ kè dǎng
ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى فرانسىيىدىكى چوڭ فېئوداللار گۇرۇھى. فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅳ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل (1380 - فېئوداللار ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرغان. ئورلېئان گېرتسوگىنى قوللىغۇچى گراا ئامانياك باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇھ ئامانياكچىلار دەپ ئاتالغان بولۇپ، فرانسىيە كورۇلىغا مايىل بولغان. بۇرگۇند گېرتسوگى باشچىلىقدىكى يەنە بىر گۇرۇھ بۇرگۇندچىلار دەپ ئاتالغان. 1408-يىلى بۇرگۇندىچىلار ھاكىمىيەتنى كونترول قىلغان. 1413-يىلى ئامانياكچىلار پارىدغا بېسىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. كېيىن بۇرگۇندچىلار ئەنگلىيە بىلەن تىل بىركتۈرۈپ )<100 يىللىق ئۇرۇش> قا قاراڭ(، فرانسىيە كورۇلىغا قارشى تۇرغان. 1435-يىلى فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅶ بۇرگۇند گېرتسوگى فېلىپ )ياخشىچاق( بىلەن <ئارراس سۈلھ شەتنامىسى) نى ئىمزالىغان. ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىش ئاياغلاشقان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.