Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئال خامراخ ئوردىسى
Domain: دۇنيا تارىخى阿尔汗布拉宫
ā ěr hàn bù lā gōng
مەنە تەرجىمىسى <قىزىل قورغان>. ئوتتۇرا ئەسىردە ماۋروسلار ھۆكۈمرانلىرى ئىپسانىيدە قۇرغان گرادانادا پاشىاھلىقىنىڭ ئوردىسى. 1354 - 1139 - يىللىرى قۇرۇلغان. ئوردا دېڭىز يۈزىدىن 730 مېتىر، جەنۇبتىن - شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 200 مېتىر، ئېگىزلىكى 30 مېتىر كېلىدىغان سېپىلى بار. ئۇ نۇرغۇن قەسىرلەردىن تەركىب تاپقان. جۈچ قەسىر، باش ئەلچىلەر قەسىرى، شىر ھويلا قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە شىر ھويلا ئېگىزلىكى 4.3 مېتىر كېلىدىغان 124 تال ئاق مەرمەر تاشىن ياسالغان ئەپچىل كارىدور ۋەكۈل رەڭ مەرمەر تاشقا ئويۇلغان 12 شىر ئارىغا ئېلىپ تۇرغان فونتانلىق بۇلاق بىلەن مەشھۇر. ئوردا تاملىرىدا رەڭگى چاقناپ تۇرىدىغان گەچج زىننەتلەر ۋە ئەرەب يېزىقىدىكى نەقىشلەر بولۇپ، ئاجايىپ نەپىس كۆرۈنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.