UyghurMain Dictionary
ئالساس لوررىن
دۇنيا تارىخى
«ئالساس - لوررىن» تارىخىي رايون نامى. فرانسىيىدىكى ئالساس ۋە ئوررىن چېگرىسىدىكى مېئۇرت ئۆلكىسىنى ھەم موزىل ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1871-يىلى فرانسىيە بۇ رايوننى گېرمانىيىگە بۆلۈپ بەرگەن. گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى بۇ رايوننى گېرمانىيىگە بۆلۈپ بەرگەن. گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى بۇ رايوننى يۇقىرى ئالساس، تۆۋەنكى ئالساس ۋە لوررىندىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا ئايرىپ، بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەمدە يەرلىك ئاھالىنى مەجبۇرىي ھالدا نىېمىسلاشتۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1919-يىلى ئىمزالانغان <ۋېرسال سۈلھ شەتنامىسى> گە ئاساسەن فرانسىيىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. 1940-يىلى فاشىست گېرمانىيىسى يەنە يۇتۇۋالغان. 1945-يىلى فرانسىيە يەنە بىر قېتىم بۇ رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغان.