UyghurMain Dictionary
ئالقىشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئالقىشلاشتى، ماختاشتى.
ئول مەنىڭ بىرلە ئالقىش ئالقىشدى _ ئۇ مېنىڭ بىلەن ئالقىشلاشتى. (ئالقىشۇر _ ئالقىشماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئالپلار ئارىغ ئالقىشۇر
كۈچ بىر قىلىپ ئارقاشۇر
بىر بىر ئۈزە ئالقىشۇر
ئەزگەرمەزىپ ئوق ئاتار
{باتۇرلار (بىر - بىرىنى ) شىددەت بىلەن يوقتىشار،
كۈچنى بىر قىلىپ (بىر - بىرىگە) يار - يۆلەك بولۇشار،
بىر - بىرىنى ئالقىشلىشار،
پەرۋا قىلماي ئوق ئاتار.}
جەڭنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ: باتۇرلار بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشتى، كۈچنى توپلاپ ئۆز كىشىلىرىنى قوللاشتى، مەدەت بېرىپ - بىر - بىرىنى ئالقىشلاشتى، ئۆلۈمدىن قورقماي ئوق ئېتىشتى.
1 - 316