Lughet
DictionaryUyghurئالمۇتا
UyghurChineseMain Dictionary

ئالمۇتا

شىنجاڭنىڭ يەر - جاي نامى <كەنت> (غۇلجا شەھىرى) 阿勒木特亚村 ā lè mù tè yà cūn دۇنيادىكى شەھەرلەر 阿拉木图 ā lā mù tú قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. ئۇ ئالاتاۋ تاغلىرىنىڭ شىمالىي يان باغرىغا جايلاشقان. شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 650 مېتردىن 950 مېترغىچە بولۇپ چوڭ - كىچىك ئالمۇتا دەريالىرىنىڭ ئېقىتىپ كەلگەن چۆكمىلىرى ئۈستىگە جايلاشقان. ئاھالىسى بىر مىليون 68 مىڭدىن ئوشۇق (1985) بولۇپ، قازاقىستان بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر. ئالمۇتا شەھىرى 1854 - يىلى كونا قازاق يېزىسى ئالمۇتا (ئالمىلىق) ئورنىدا بەرپا بولغان. شەھەرنىڭ ئەتراپىدا ئالمىلىق ئورۇنلار ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنىڭ ئاساسىغا 1921 - يىلى ئالمۇتا دەپ نام بېرىلگەن. ئالمۇتا شەھىرى قازاقىستاننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. شەھەردە مېتالچىلىق، ئېلېكتر، ماشىنسازلىق، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى تەرەققىي قىلغان. ئۇنىۋېرسال,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى 阿拉木图 ā lā mù tú
Rate this entry

Same word in other sources

ئالمۇتاUyghurChineseGetWord CorpusئالمۇتاUyghurMain DictionaryئالمۇتاReference

Related words

سۇلۇق ئالمۇتاUyghurChineseئالمۇسUyghurChineseئالمۇدUyghurChineseئالموتاUyghurChineseئالمۇرۇUyghurChineseئاقمۇتاUyghurChinese
← Search