Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئالمېداگاررېت
Domain: دۇنيا تارىخى阿尔梅达.加雷特
ā ěr méi dá .jiā léi tè
(1799 - 5418) پورتۇگالىيە يازغۇچىسى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىىسى. پورتۇدا تۇغۇلغان. ناپولېئون ئارمىيىسى پورتۇگالىيىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن بىللە ئازور تاقىم ئاراللىرىغا كۆچۈپ بارغان. كوئىمبېرا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، قانۇنشۇناسلىق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالغان. مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، 1823 - 1826-يىللىرى ۋە 1828 - 1832-يىللىرى چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 1837-يىلى پارلامېنتا كىرگەن،. 1852-يىلى ۋىكونت ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. ئىككىنچى يىلى بىر مەزگىل تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئىجادىي پائالىيىتىنى باشلىغان. ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىدە فېئودال مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرغان بولۇپ، ئۇسلۇبى خەلق ئىجادىيىتىگە يېقىن، رومانتىزملىق تۈسكە ئىگە. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <شىل ۋېسىست>، <دىندار لوئىس دىسسام> دېگەن سەھنە ئەسەرلىرى، <كاموننىس>، <اننا بولىنىكا> دېگەن داستانى، <خازان> دېگەن شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.