Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاللېندې
دۇنيا تارىخى
阿连德
ā lián dé
(1908 - 1973) چىلى زۇڭتۇڭى (1970 - 1973). چىلىنىڭ ۋالپارايسو شەھىرىدە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دوختۇرلۇقتىن كېلىپ چىققان.1933-يىلى چىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىببىي كەسىپىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا چىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. ئىككى قېتىم سوتسىالىستلار پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1937-يىلى ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1939 - 1942-يىللىرى خەلق فرونتى ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1945-يىلىدىن باشلاپ كېڭەش پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 9651 - 1969-يىللىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1952-، 1958- ۋە 1964-يىللىرى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغان. 1970-يىلى 9-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئازغىنە كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلىپ، 11-ئايدا رەسمىي زۇڭتۇڭ بولغان ھەمدە خەلق ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىگەن. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە مىس، كۆمۈر، پولات - تۆمۈر قاتارلىق سانائەت كارخانىلىرىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش، يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان ھەمدە جۇڭگو بىلەن چىلىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقىلشىپ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. 1973-يىلى 9-ئايدا چىلى ئارمىيىسى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ خەلق ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئاللېندې خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان.