UyghurMain Dictionary
ئاللا پارتىيىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى سىياسىي پارتىيە ياكى تەشكىلات. (1) بۇ پارتىيە (تەشكىلات) ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 70 - 80 - يىللىرى ئىراندا ۋە بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىدە روناق تاپتى. ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلىدىكى روھىنى گۈللەندۈرۈپ، ھەر خىل ئەمەلىي مەسىلىلەرنى شۇنىڭ بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە سىياسىي تەشەببۇسى پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسىدە ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ھەمدە زوراۋانلىق كۈچى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئىراندىكى ئاللا پارتىيىسىنىڭ سىياسىي قارىشى ھۈمەينىنىڭكىگە ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، بۇ پارتىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. مىسىر، يەمەن، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە ئاللا پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان مەخپىي ھالەتتە بولۇپ كەلدى. (2) لىۋان شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي پارتىيىسى بولۇپ، 1982 - يىلى ئىسرائىلىيە لىۋانغا تاجاۋۇز قىلغاندا قۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىچىدە قانۇنلۇق ئورۇنغا ئىگە بولدى. خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەركىب تاپقان قوراللىق كۈچكە ئىگە. لىۋاندا ئىرانچە ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ، دۆلەتنى شەرىئەت بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلدى.