Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئالېكسېيېۋ
دۇنيا تارىخى
阿列克谢也夫
ā liè kè xiè yě fū
(1) پېتر ئالېكسېيېۋى ئالېكسېيېۋ ( 1849 - 1891) روسىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىشچى ئىنقىلاپچىسى. توقۇمىچى ئىشچىلىقىدىن كېلىپ چىققان. 8731-يىلى پېتربۇرگ ئىشچىلار گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، ئىنقىلابىي تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. 1875-يىلى قولغا ئېلىنپ، ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە سۈرگۈن قىلىنغان جايدا قۇربان بولغان. ئۇ سوتتا سۆزلىگەن چاغدا: <مىليونلىغان ئىشچىلار قوزغىلىپ كۈچلۈك مۇشتلىرىنى كۆتۈرگەندە، ئەسلەرلەرنىڭ قىلىچى بىلەن قوغدىلىۋاتقان مۇستەبىت كىشەن پاچاقلىنىپ تاشلىنىدۇ!> دېگەن، لېنىن بۇنى روسىيىلىك ئىشچى ئىنقىلابچىنىڭ ئۇلۇغ بېشارىتى دەپ ئاتىغان. (2) ئېۋگېنىي ئىۋانوۋىچ ئالېكسېيېۋ (1843 - 1909). روسىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمېرالى. 1899-يىلى جۇڭگو (شەرقىي شىمال رياونى) غا تاجاۋۇز قىلغۇچى روسىيە ئارمىيىسى ۋە تېچ ئوكيان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان، 1900 - 1901-يىللىرى جۇڭگودىكى يىخېتۇەن قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك باستۇرۇپ، داگۇ پورتىنى ۋە تيەنجىننى ئىشغال قىلىشقا قوماندانلىق قىلغان. 1903-يىلى يىراق شەرقنىڭ باش ۋالىيىسى بولغان. جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى ۋە چاۋشىيەننى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، ياپونىيە بىلەن تېز ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن، يىراق شەرق ئارمىيىسىنڭ باش قوماندانى بولغان. ئۇرۇشتا ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولغاچقا، 1904-يىلى 10-ئايدا ۋەزىپىسىدىن بوشىتىۋېتىلەنگەن. كېيىن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. (3) مىخائىل ۋاسىلېۋىچ ئالېكسېيېۋ ( 1857 - 1918)روسىيە سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئەكسىلئىنقىلابچى باشلىقلارنىڭ بىرى. ئەسلى چارروسىيىنىڭ گېنېرال پولكوۋنىكى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ غەربىي جەنۇبىي سەپنىڭ شتاب باشلىقى، غەربىي شىمالىي سەپنىڭ باش قوماندانى ۋە روسىيە ئارمىيىسىنڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. 1917-يىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى (3 - 5 - ئاي) بولغان. كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى داۋامىلق ئېلىپ بارغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، يېڭى چېركاسسىككە قېچىپ بېرىپ، ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلەرنى توپلاپ ئوفىتسېرلار پولكى تەشكىللىگەن، كېيىن دېنىكىن، كورنىلوۋ بىلەن بىرلىشىپ، ئاق گۋاردىيىچى پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ باشلىقى بولغان.