Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئالېكسادىر
دۇنيا تارىخى
亚历山大二世
yà lì shān dà èr shì
(1818 - 1881). روسىيە چار پادىشاھى (1855 - 1881). نىكولاي Ⅰ نىڭ چوڭ ئوغلى. تەختكە چىققاندىن كېيىن، قىرىم ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىپ، 1861-يىلدىكى <يانچىلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى> نى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ، پومشېچكلار سىنپىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، 70-يىللاردىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتنى ۋە 1863-يىلدىكى پولشا مىللىي قوزغىلىڭىنى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغان؛ شىمالىي كاپكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسيانىڭ كەڭ بىر قىسىم زېمىنىنى قوشۇۋالغان. سىرتقا قارىتا، 1856-يىلدىكى <پارىژ شەرتنامىسى> نى بىكار قىلىپ، قارا دېڭىزدا فلوت تۇرغۇزۇش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بالقاننى تالىشىپ، 1877 - 1878-يىللىرى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىنى ئېلىپ بارغان. 1881-يىلى 3-ئايدا پېتروبۇگتا نارودنىكلار تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان.