Chinese→UyghurMain Dictionary
亚历山大六世
دۇنيا تارىخى
Ⅵ ئالېكساندر
(تەخمىنەن 1431 - 1503) رىم پاپاسى (1492 - 1503). ئىسپانىيىلىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى رودرىگو بورگىيە. 1456-يىلى كاردىنال بولغان ۋە زور مىقداردىكى دىنىي مال - مۈلۈككە ئىگە بولغان. كېيىن پارا بېرىپ پاپا بولغان. تەختتىكى مەزگىلدە، 1493-يىلى پەند - نەسىھەت جاكارلاپ، پورتۇگالىيە بىلەن ئىسپانىيىگە مۇستەملىكە تەسىر دائىرىسى چېگرا سىزىقى (<پاپا مېرىدىئانى> غا قارالسۇن) بەلگىلەپ بەرگەن. 1494-يىلى، ئىتالىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ۋېنېتسىيە، مىلان ۋە ئىسپانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن فرانسىيە كورۇلى كارل Ⅷ نى قوشۇنىنى چېكىندۇرۇپ، ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. 1497-يىلى فلورېنسىيە پۇقرالىرى قوزغىلىڭىنىڭ رھبىرى - ساۋونارولانى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىپ، قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەب بولغان. نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى گېسارېنىڭ روماگنا (پاپا دۆلىتى ئىچىدىكى راۋېننانى مەركەز قىلغان راون) نى بىۋاسىتە كونترول قىلىشنى قوللىغان. ۋاتىكاننىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پارا بېرىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ، تارىختا ئەڭ نومۇسسىز پاپالارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
دىن
yà lì shān dà liù shì
基
خىرىستيان دىنى
ئالېكساندېر Ⅵ (ئىسپانىيىلىك پاپا)